ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك سىياسىي تۇتقۇندا كۆپلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ، شۇ قاتاردا بىر قىسىم ئۇيغۇر تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ مەھبۇسقا ئايلاندۇرۇلۇشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئۇيغۇر بوكس چولپانلىرىنى ۋە ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەرنى تەشۋىق قىلىشى بۇ ساھەنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر بوكس چولپانلىرىدىن ئېلشات ئەنۋەر ۋە زۇلپىقار مەمتىلىنىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك بوكس بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ» 4-پەسىللىك مۇسابىقىسىدە غەلىبە قازانغانلىقى تەپسىلىي خەۋەر قىلىنغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ «2019-يىلى ۋەتىنىمىز جۇڭگو ئۈچۈن بىر ئالتۇن مېدال ئالغۇم بار» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ماھىرلار تانزانىيەلىك ۋە خىتاي رەقىبلەر بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ چېۋەر ۋە چەبدەس ھۇجۇملىرى بىلەن رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان بوكس تۈرىدىكى مۇسابىقىلەردە ئۇيغۇرلار دىيارىدىن چىققان ماھىرلار زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە ئىكەن. ئەمما تەنتەربىيە ساھەسىدە نام چىقارغان چولپانلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى خەلقئارانىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغاۋاتقاندا بوكس ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ماھىرلارنىڭ ئالاھىدە خەۋەر قىلىنىشىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا ساختا كۆرۈنۈش تەييارلىشى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەر تەرەپلىمە پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقچى» دېدى.
