خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېرلارنىڭ «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئورنى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشۋىقاتلىرىنى كۆپلەپ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 21-يانۋار كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن خوتەندىكى دېھقان-چارۋىچى ئاياللارنىڭ قىشلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە دەم ئالماي كەسپىي ماھارەت ئىگىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە خوتەن تەۋەسىدە كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئاياللار 25000 ئەتراپىدا بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ يېرىمدىن كۆپى ئۆزلۈكىدىن بۇ تەربىيەگە قاتناشقانمىش. بۇ ئاياللار ساتراچلىق، تاتلىق-تۇرۇم پىشۇرۇش قاتارلىق ناھايىتى مول مەزمۇنلۇق ماھارەتلەر بىلەن تەربىيەلىنىۋېتىپتۇمىش.
بۇنىڭدىن سرىت، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتمۇ خەۋەر تارقىتىپ، ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىن 200 دىن ئوشۇق ئايال كادىرنىڭ قانۇن ئېڭى، نىكاھ ئېڭى، ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن «تەربىيەلىنىش» كە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قېيىن-قىستاققا ئېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. بۇ ئورۇنلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىردىنلا بۇ لاگېرلارنىڭ «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئورنى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلاردا بولسا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
