خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقچى بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.05

خىتاينىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەزەرىيەۋى ئەپكارى بولغان «ئىزدىنىش» (Qiushi) ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە دائىر پىكىر، مۇنازىرە ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپىدىن كېلىدىغان «خەتەر» نىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، «ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيەت مېخانىزمى» نى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز چوقۇم ‹ئۈچ خىل كۈچلەر›نىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك نەشرىيات بۇيۇملىرىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشىمىز كېرەك».

ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر لاگېر، تۈرمىلەرگە قامالغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان 7-6 يىلدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ھېچقانداق «تېررورلۇق» ياكى «زوراۋانلىق» ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى قەيت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومپارتىيە نەزەرىيە ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» نى توسۇشقا چاقىرىشى دىققەت قوزغىماقتا. بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى ۋە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ب د ت يىغىنلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىكى دائىملىق مۇنازىرىگە ئايلانغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان.

ب د ت نىڭ بۇ يىل 23-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك باھالاش يىغىنىدا، غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇغماس قىلىش، خىتايلارغا مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ماقالىدا يەنە نازارەتنى كۈچەيتىشى، ئەمەلدارلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى «تېز ۋە مۇۋاپىق» ھەل قىلىشى، «مىللىي رايونلاردىكى رايون خاراكتېرلىك ۋە سىستېمىلىق خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاخىرقى لىنىيەنى قەتئىي چىڭ ساقلىشى» تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.