خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 460 مىڭدىن كۆپ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان
2024.02.07
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى 6-فېۋرال كۈنى چىقارغان بىر خەۋەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل «ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى» نى ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا 460 مىڭدىن كۆپ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن كارخانا ئورۇنلار، كەسپىي ئىنستىتۇتلار ۋە كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن؛ «8 چوڭ كەسىپ گەۋدىسى» نى چۆرىدىگەن ھالدا، كۆپ سانلىق ئەمگەك كۈچى ۋە توپلاشقان ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلىدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئادەملەرنى تۈركۈملەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
بۇ خەۋەردە تەشۋىق قىلىنغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كارخانىلار ۋە «كەسپىي تەربىيەلەش» بىلەن زىچ باغلانغانلىقى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى ئەندىشىسىنى پەيدا قىلماقتا.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2023-يىل «يېڭىچە تېخنىك تەربىيەلەش»، «كەسپىي مەكتەپلەرنى باھالاش ۋە باشقۇرۇش» نىزاملىرىنى ماقۇللاپ، «كەسپىي تەربىيەلەش» نى قانۇنلاشتۇرغانىدى. ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردا، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى مەزكۇر رايوندا مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكى، ما شىڭرۈي 2021-يىل قۇرۇپ چىققان ئىشقا ئورۇنلىشىشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسىگە ئايلانغانلىقى قەيت قىلىنغان.









