خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھەققىدىكى تەشۋىقاتى گۇمان پەيدا قىلماقتا
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 2015-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
-
مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-02-22 -
-
-
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 2015-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «2015-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاممىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە بولغان رازىمەنلىك تۇيغۇسى 88 پىرسەنتتىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاممىنىڭ سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا بولغان رازىمەنلىك تۇيغۇسى 89 پىرسەنتكە، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن خەۋەر تېپىش دەرىجىسى 86 پىرسەنتكە يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن رايوندا 2009-يىلىدىن بۇيان ئاممىنىڭ ۋەزىيەتكە بولغان ئەڭ يۇقىرى ئىشەنچ تۇيغۇسى ھاسىل قىلىنغان.»
باياناتتا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 6 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستنىڭ، 89 ناھىيەنىڭ ھەمدە 141 يېزا، بازارنىڭ «مۇنەۋۋەر بىخەتەر ئورۇن» بولۇپ باھالانغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە سوئال پەيدا قىلماقتا. كۆزەتكۈچىلەر، بايدىكى كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدەك بىر قاتار قانلىق توقۇنۇشلار ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئېلىدا «ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېيىش ئەلۋەتتە گۇمان قوزغايدۇ، دەپ قارىماقتا.