خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھەرىكىتى قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈش يىلى» ھەرىكىتى قوزغاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلىگەن. بۇ پىكىرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 28‏-مارت ئېچىلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈش يىلى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر رايوندا ساقال، ھىجاب ۋە باشقا ئىسلامى سىمۋوللارغا «ئەسەبىيلىك» دەپ زەربە بېرىپ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سۆزى چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە بەرگەن خەۋىرىدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «شىنجاڭدىكى جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىسلامنى كونترول قىلىشى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغان ياكى ئۇيغۇرلار بىلەن دوست بولىدىغان خىتايلارنىڭ ناھايىتى ئاز سانلىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 28‏-مارت سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن قاتناشقان ئىدى. يىغىندا جاڭ چۈنشيەن: «بىز پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئوخشىمىغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، جەمئىيەتتە ئوخشىمىغان خەقلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاڭ چۈنشيەن «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى كۈرەش ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، مىللەتلەر ئۆز ‏- ئارا يېقىنلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مىللىي ئىختىلاپ كۈچەيگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.