دائىرىلەرنىڭ «رادىكاللىقنى يوقىتىش» تەشۋىقاتىدا دېھقان رەسساملىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

خىتاي تاراتقۇلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خوتەن گۇما ناھىيىسى چودا يېزىسىغا ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىرتۈركۈم دېھقان رەسساملارنى تەشكىللەپ، كەنتلەردە «رادىكاللىقنى يوقىتىش» تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، نەتىجە قازىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىل تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەلق تورى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ 7-ئاپىرىلدىكى سانىدا،گۇما ناھىيىسىنىڭ چودا يېزىسىدىكى تەكلىماكاننىڭ ئىچىكىرىسىگە جايلاشقان باشېرىق بىنەم كەنتىنىڭ 2015-يىلى ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 5000 سومغا يەتمىگەن نۇقتىلىق نامرات كەنت بولۇش بىلەن بىللە، كەنتتە دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئېغىرلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كادىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كەنتتە نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەش جەريانىدا، بىر تۈركۈم دېھقان رەسساملارنى تەشكىللەپ، مەزكۇر كەنتتە «رادىكاللىقنى يوقىتىش» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە، دېھقان رەسساملىرىنى تەشكىللەپ سىزىلغان «رادىكاللىقنى يوقىتىش»، «زامانىۋى مەدەنىيەت»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»، «پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى»، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شانلىق 60 يىلى» قاتارلىق 5 خىل تېمىدىكى تەشۋىقات رەسىملىرىنىڭ كەنت ئىشخانىلىرى ۋە دېھقانلار ئۈچۈن يېڭىدىن سېلىپ بېرىلگەن ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ كوچا تاملىرىغا چوڭايتىپ سىزىلىپ، ئاپئاق ئاقارتىلغان تامدا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەنلىكىنى ۋە دېھقانلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئەمما چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى «مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى» نىڭ يېڭى ئۆرنىكى دەپ تەنقىدلىمەكتە.