«ئاۋسترالىيەلىك» گېزىتى تەھرىراتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-04-08
Share

ئاۋسترالىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلارنىڭ بىرى بولغان «ئاۋسترالىيەلىك» ناملىق گېزىت تەھرىرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تارقىتىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىنى ئەيىبلىدى.

8-ئاپرىل كۈنىدە ئېلان قىلىنغان تەھرىرات ماقالىسىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ كانبېررادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 7-ئاپرىل كۈنى مۇخبىرلارنى يىغىپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك بەختىيار ياشاۋاتقانلىقى، رايوندا زور تەرەققىياتلارنى بەرپا قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. ماقالىدە مۇنداق دىيىلگەن: «7-ئاپرىل كۈنى خىتاينىڭ كانبېررادىكى ئەلچىخانىسىدا ژۇرنالىستلارغا كۆرسىتىلگەن ۋىدىيو خۇددى ‹مۇزىكا ساداسى› ناملىق فىلىمنىڭ ئېچىلىشىغا ئوخشاشلا جەلپكار ۋە كۆركەم ئىدى. خىتاي باش ئەلچىسى چېڭ جىڭيې بىزگە ‹غەرب تاراتقۇلىرىدىكى بۇرمىلانغان خەۋەرلەرنى ئۇنتۇپ كېتىڭلار، › دەپ قويۇپ بەرگەن ئالتە مىنۇتلۇق ‹شىنجاڭ ئاجايىپ بىر يەر› ناملىق فىلىمگە قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇ رايوننى ئۆزگەرتىپ، ئۇ يەردە ‹ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، تۇرمۇشنى ياخشىلاش ۋە دىنىي ئىناقلىق› بەرپا قىلغان ئىمىش. شىنجاڭ ھازىر ھاياتلىققا تولغان ۋە گۈللىنىپ ھاياتىي كۈچكە تولغان يەر ئىمىش.»

«ئاۋسترالىيەلىك» گېزىتى تەھرىرات ماقالىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋىدىيولىرىدا لاگېرلارنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى، لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق ۋەقەلىرىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ۋە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «خىتاي بۇنداق گۆدەكلەرچە ۋىدىيولار بىلەن مۈشۈكئېيىقنىڭ بىنەپشە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايمىز دەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئاۋستىرالىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشسا، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ھەرىكەت قىلغان بولاتتى. ئۇ خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن ئاۋسترالىيە سودا مىنىستىرى دان تېخان ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى قايتىدىن ئېچىۋېتىشتىن باشلىنىشى مۇمكىن.»

ماقالىدا خىتاي ئاۋسترالىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەلىك ئېكىسپورت قىلغۇچىلار ئازراق زىيان تارتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئاللىبۇرۇن تېپىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن سودىلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ ئۆزىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىنى ئەسلىتىدىغان بۇنداق تەشۋىقاتلارنىڭ ھېچقانداق ئىجابىي تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

7-ئاپرىل كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئاۋسترالىيەگە قارىتىلغان مەخسۇس مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. مەزكۇر يىغىن نۇرغۇن خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا تەنقىدكە ئۇچرىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت