خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى چەت ئەل تەشۋىقاتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.04.09

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن قانائەتلەنمەي، بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى ئىشقا سېلىشنى باشلىغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 9-ئاپرېل كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 21 دۆلەتتىن كەلگەن 26 تاراتقۇنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۈرۈمچىگە توپلاپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرغۇچى دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئاچقان. ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇ 26 تاراتقۇنىڭ مەسئۇللىرى ئۈرۈمچى، كورلا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولىدىكەن.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (گوۋۇيۈەن) ئاخبارات ئىشخانىسى، خىتاي چەت ئەل تىللىرى ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا «شىنجاڭنىڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى، خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى ۋە ئالتۇن كۆۋرۈكى» ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش، «شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ۋە تەرەققىياتىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتا. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 27-مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ «سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكى» نى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنى خەلقئارا جەمئىيەتكە «تىنچ-ئىناق، ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىش» كە دەۋەت قىلغانىدى.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» كە بۇنچە ئەھمىيەت بېرىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ ئۆز نامىنى سېسىتقان خىتاينىڭ ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ چۈشەندۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.