ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى يېڭى زېلاندىيە ۋەقەسىنىمۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن پاكىت قىلىشقا ئۇرۇنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.04.10

ئاشكارىلىنىشىچە، «ۋال سترېت ژۇرنالى» يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر مەھەللىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇلۇشلار ۋە مەسچىتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا فاكىس ئارقىلىق سوئال يوللىغان.

سوئاللارنىڭ بىرىدە بۇ قۇرۇلۇش ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ياكى ئەمەسلىكى سورالغان. بۇ سوئالغا بىر مەھەل كېچىكىپ جاۋاب قايتۇرغان دائىرىلەر، مەسچىتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسچىت جامائىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، جامائەتنىڭ بۇ ئاپپاراتلار ئارقىلىق گۇمانلىق كىشىلەرنى ساقچىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقى ۋە ھۇجۇمدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

دائىرىلەر جاۋاب خېتىدە بۇ چۈشەندۈرۈشىنىڭ مەنتىقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن ئايدا يېڭى زېلاندىيەدىكى ئىككى مەسچىتتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.

خەتتە ئوچۇق ھالدا: «يېڭى زېلاندىيەدىكى مەسچىتتە كۆپ ساندا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى بىز ئۈچۈن چوڭ سىگنال؛ شۇڭا مەسچىتلەرگە كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈندۇر» دېيىلگەن.

«ۋال سترېت ژۇرنالى «نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيە مىسالىنى پۈتۈنلەي ئورۇنسىز قوللانغانلىقى پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە تەھدىت ياكى ئەمەس دەپ ئايرىشتا، ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئاساس قىلماقتا؛ ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇرئانى كەرىم» نى ئۆيلىرىدە ساقلىشىمۇ جىنايەت سانالماقتا.

مەزكۇر گېزىت بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ چېقىلىشى، چوڭ بازاردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلارنىڭ تاقىلىشى، كوچىدىكى ئۇيغۇر ناۋايلارنىڭ ئازىيىشى قاتارلىق يېڭى رېئاللىقلارنىمۇ تەسۋىرلەپ ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.