خىتاي ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسىدا ئاخبارات يىغىنى ئ‍ۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارغا «ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئ‍ىنكار قىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى 6-ماي خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسىدا بۇ يىلدىكى «ئەڭ غەلىتە ئاخبارات يىغىنلىرى» نىڭ بىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئ‍ۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى يەنە رەت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 6-ماي خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسىدا بۇ يىلدىكى «ئەڭ غەلىتە ئاخبارات يىغىنلىرى» نىڭ بىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئ‍ۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى يەنە رەت قىلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىغىندا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شىنجاڭدا پۇقرالارنىڭ تاماق، كىيىم-كېچەك، مائارىپ ۋە داۋالىنىش ھەل قىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى قوغدالماقتا ۋە تەرەققى قىلدۇرىلماقتا،» ئىكەن.

تور ئارقىلىق ئ‍ۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ بىر گۈزەل ماكان» ناملىك ئاخبارات يىغىندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاتالمىش «ۋەكىل» لىرىنى، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نى پۈتتۈرگەن كۇرسانتلارنى، مەسچىد ئىماملىرىنى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرنى ۋە ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنى سۆزلەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۈنىڭ ئالدىدا ئ‍اۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېما قىلغان بۇ خىل «غەلىتە» ئاخبارات يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، خىتاينى ئەندىشىگە سېلىپ، ئۇنىڭ بۇ خىل غەلىتە ئاخبارات يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولماقتا ئ‍ىكەن. يىغىنىدا شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇر ئېلىدا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش سياسىتىنىڭ تولۇق ئ‍ىجرا قىلىنغانلىقى، ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر ۋە ئېتىقاتچى ئاممىنىڭ ئېھتىياجلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ ۋەزىيەت ئەگەر شۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن خەلقئارانىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org