«جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن تۆت نەپەر ئۇيغۇر يىگىت خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنماقتىكەن

ئىگىلىنىشىچە، «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن تۆت نەپەر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئىش ئىزلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» دىن تارتىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ كانىيى ھېسابلانغان «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق چوڭ تاراتقۇلارغا قەدەر كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنماقتىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئابدۇبىلال ئوسمان، ئىليار ئوسمان، ئىلياس ئوسمان ۋە ئىلشات ھەسەنجان قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇر يىگىتى بۇ يىل 23-فېۋرال كۈنى ئاپتوموبىل بىلەن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لوشەن دېگەن يېرىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋېتىپ ئاپتوموبىل ھادىسىسىگە ئۇچرىغان بىر خىتاينى قۇتقۇزۇۋالغان.

بۇ ۋەقە ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بەس-بەستە خەۋەر قىلىنغان. بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇر يىگىتى ئويلىمىغان يەردىن بىردىنلا ئاخباراتلىق شەخسلەرگە ئايلىنىپ، 4-ئايدا «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تېخى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلارنىڭ شىئەندە يولۇچىلار ئابتوبۇسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ۋەقەدە 8 ئادەم ئۆلۈپ، 5 ئادەم يارىلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.

دەل مۇشۇ مەزگىلدە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ تۆت نەپەر ئۇيغۇر يىگىتىنى «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر»، «شىنجاڭلىقلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياخشى ئوبرازىنى ياراتتى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۈلگىسى» دەپ بەس-بەستە تەشۋىق قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىققا دائىر خەۋەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئۇيغۇرلارغا قارشى كەيپىيات شەكىللەنگەنلىكى مەلۇم.

كۆزەتكۈچىلەر، تۆت نەپەر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈپ تەشۋىق قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتى بازارغا سېلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» ئۈچۈن دەسمايە توپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ كۆرسەتمەكتە.