ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇنغا ئەڭ چوڭ باھانە قىلىنغان ئامىللارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئىكەنلىكى ئۆتكەن يىللاردىكى سىياسىي باستۇرۇشتا كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاينى تەنقىدلىشىدە دىنىي ئېتىقادقا دائىر مەسىلىلەر ھەرقاچان مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن ئىدى.
11-ماي كۈنى «شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھازىر تارىختا كۆرۈلمىگەن بىر سەۋىيىگە يەتتى. بۇنى ھەقنى كۆرگۈچى ھېچقانداق ئىنسان ئىنكار قىلالمايدۇ،» دەپ بايانات ئېلان قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 10-ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» تېمىسىدا تور يىغىنى چاقىرغان ھەمدە يىغىن مۇھاكىمىسىنى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق 60 نەچچە دۆلەتكە تارقاتقان. بۇ قېتىملىق يىغىندا سۆز قىلغان ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشقا يەنە غۇلجا، سانجى، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ تارماق مەكتەپلىرىنى ئاچقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تارقىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئەمما ئۆتكەن بەش يىل جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدا 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى ياكى مەيخانە، ھاجەتخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.
شۇ قاتاردا قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە (جۈمە تاھىرنىڭ ئوغلى) ئايرىم سۆز قىلىپ: «ھۆكۈمىتىمىز كۆپ قېتىم رېمونت قىلىش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق بۇ مەسچىتنى قەشقەردىكى ئەڭ ئاساسلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ بەردى. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىز ھېيتگاھ مەيدانىدا ساماغا چۈشتۇق،» دېگەن.
ھالبۇكى، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ پەقەت ساياھەتچىلەرگىلا ئوچۇق ئىكەنلىكى، بۇ جايدا ھازىر ناماز ئوقۇلمايدىغانلىقى بۇ جايغا بارغان بىر قىسىم سەيياھلارنىڭ بايانلىرىدا ئەكس ئەتكەن بولسا، 2022-يىللىق روزا ھېيتتا ھېيتگاھ مەيدانىدا ساماغا دەسسىگەنلەرنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۇل بېرىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈرگەن كىشىلەر ئىكەنلىكى رادىيومىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال ئىگىلەشلىرى جەريانىدا پاش بولغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى ئىسلام دىنى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بارلىق ھادىسىلەرنى «تېرورلۇق» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» نىڭ ئىسپاتى قىلىپ مىليونلارچە كىشىنى لاگېرغا قامىغان، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولماقتا» دەيدىغان بۇ خىل شەرمەندىلەرچە يالغانچىلىقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم تەكرارلانغان ھادىسىلەردىن ئىكەن. تۈركىيەدىكى مەرھۇم دىنىي ئالىملاردىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 2014-يىلىلا ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ مۇشۇ خىلدىكى باياناتىغا رەددىيە بېرىپ: «ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ باياناتلىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش ۋە مىللەتكە خىيانەت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ خىلدىكى ئىنسانلار مىللەتكىمۇ، دىنغىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،» دېگەن ئىدى.