خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەركەزلەشتۈرۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى» تەشۋىقاتى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يېڭى تەدبىرلەرنىڭ بىرى «مەركەزلەشتۈرۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى» بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 12-ماي سانىدا نۆۋەتتە 13 مىليون دېھقان-چارۋىچىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە بايان قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يىللاردىن بۇيان كۆل ۋە قۇدۇق سۈيى ئىچىشى بۇ جايلاردىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ تۈپ مەنبەسى ئىكەن. ئەمدىلىكتە مەركەزلەشتۈرۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق بۇ ھالغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بەرگىلى بولىدىكەن.

خەۋەردە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خوتەننىڭ ھەرقايسى ناھىيە ۋە يېزىلىرىدىن ئاقسۇ ئەتراپلىرىغىچە بولغان جايلاردا ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. شۇ قاتاردا تېخى يېقىندا تولۇق كۆچۈرۈۋېتىلگەن دەريا بويى يېزىسىدىكى خەلقنىڭ يېڭى ماكانغا كۆچكەندىن كېيىن دەسلەپكى قەدەمدە ساپ سۇ ئىچىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. يەكەن ناھىيەسى تاغارچى يېزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ خادىمى خانزورەم ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان ئىچىملىك سۇنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ «بىز تۇرۇبىدىكى سۇنىڭ سۈپىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ كېلىۋاتىمىز» دەيدۇ.

ھالبۇكى مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلىرىغا بەخت ئېلىپ كېلىشتىن كۆرە ئۇلارغا تېخىمۇ زور كونتروللۇق ۋە باشقا سەلبىي ئامىللارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلاردا ئومۇملىشىۋاتقان قىز-چوكانلارنى تۇغماس قىلىۋېتىش قىلمىشى ھەققىدە توختالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ سۇ قۇرۇلۇشى ئاساسەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا داۋام قىلماقتا. ئۇنىڭدىكى سۇنىڭ تەركىبىدە قانداق ئېلېمېنتلارنىڭ بارلىقىغا بىرنەرسە دېمەك قىيىن» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت