خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى خىتايلار ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاقلىماقتا

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 10- ۋە 13-ماي كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز ۋە پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى شەھىرىگە زىيارەتكە كەلگەن ئىران باش ئەلچىسى مۇھسىن بەختىيار (Mohsen Bakhtiar) ۋە «ئامېرىكا خىتاي مۇھاجىرلىرى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ۋە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

سۆھبەتتە خىتاي دائىرىلىرى «بىز يېقىنقى يىللاردا باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەردە شىنجاڭدا بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق» دېيىش ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. شۇنىڭدەك ۋە «ئامېرىكا خىتاي مۇھاجىرلىرى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ۋە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» نىڭ يىللاردىن بۇيان «شىنجاڭدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى» غا بولغان تەشەككۈرىنى ئىپادىلىگەن.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ تورىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنىڭ كۆپلۈكى، بايلىق قېزىشنى ئاساس قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ نۆۋەتتە باش ۋەزىپە بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ جەمئىيەت مۇقىم بولۇۋاتقان ھەمدە «سەككىز چوڭ كەسىپلەشكەن بازا قۇرۇلۇشى» جىددىي داۋام قىلىۋاتقان شارائىتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ دەل مۇشۇ خىل «سودا-سانائەتچىلەر ۋە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى» گە موھتاج ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەسىپلەشكەن تەرەققىيات قۇرۇلۇشى تۈرلىرى بويىچە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا كۆپلىگەن قۇلايلىقلارنىڭ يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز بولغان.

ھالبۇكى ئۇيغۇر پەن-تېخنىكا چولپانلىرى، جۈملىدىن تاشپولات تېيىپ، خالمۇرات غوپۇرغا ئوخشاش دۇنياۋى ئالىملار «ئىككى يۈزلىمىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلىشىنى قارشى ئالىمىز» دېيىشى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك خاراكتېرىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەرگەنلىك، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ «شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلكىدىكى يەرلەرنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئېلىپ بېرىش قىلمىشلىرى كەسكىن تەنقىد قىلىنىۋاتقاندا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى» نى تەكىتلىشى كۆپلىگەن سوئاللارنى تۇغدۇرماقتا.