خىتاي شېنجېندا «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىشكە چاقىرغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.05.23

23-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش شېنجېن خەلقئارا مەدەنىيەت سانائىتى كۆرگەزمىسىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈرلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭدا يەنە قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت ساياھىتىگە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە باشقا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇ پائالىيەت ئارقىلىق «رايوندىكى مۇھىم ساياھەت ئورۇنلىرىغا مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مول بايلىق ئەۋزەللىكىنى مەھسۇلات ئەۋزەللىكى ۋە سانائەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەتچىلىكنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە چەت ئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقاتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئارتقان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىشى، چەت ئەللەردە دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە.

22-ماي كۈنى ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي پارتكومنىڭ يىغىنىدا ساياھەتچىلىك مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن. ما شىڭرۇي يەنە «ساياھەتچىلىكتە ‹شىنجاڭ ياخشى جاي› داڭلىق ماركا ئوبرازى يارىتىشنى تۇتقا قىلىپ، ‹تەكلىپ قىلىش› بىلەن ‹سىرتقا چىقىرىش» نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۆزىگە مايىل دۆلەتلەردىن ساياھەتچىلەرنى تەشكىللەش، ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرىنى يولغا قويۇپ، رايوندا ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىلىق لاپ ئۇرۇپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ ساختا سىياسىي تەشۋىقاتى ۋە دۇنيانى ئالداش تاكتىكىسىنىڭ ئىچ يۈزى ئاللىقاچان خەلقئارا جامائەتكە ئاشكارا بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.