ئۇيغۇر دىيارىدا 24 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە «ساغلاملىق كارتىسى» تارقىتىلغان

2021.06.10

«شنجاڭ گېزىتى» نىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 24 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە ئورتاق ئىشلەيدىغان «ئاھالىلەر ساغلاملىق كارتىسى» تارقىتىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پۇقرالار بۇ كارتا ئارقىلىق دوختۇرخانىلاردا نومۇر ئېلىش، كېسەل كۆرسىتىش دېگەندەك داۋالىنىشقا دائىر رەسمىيەتلەرنى بېجىرسە بولىدىكەن. 

خەۋەردە بۇنىڭ پۇقرالار بىلەن داۋالىنىش مۇئەسسەسەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالاقىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ سالامەتلىك ئۇچۇرىنى توپلاپ باشقۇرۇشقا قولايلىق يارىتىدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئ‍ۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشىدىكى بىر مۇھىم ۋاستە بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى ۋە باشقا بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى تولۇق سىستېمىلاشتۇرۇپ چىققانلىقىنى تەكىتلەپ: «شۈبھىسىزكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى بۇ خىلدىكى كارتىنى داۋالىنىشقا ئىشلىتىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. بۇنىڭدىكى مۇھىم مەقسەت يەنىلا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى كۆزلەشتۇر،» دېدى. 

ئالاقىدار خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى ساغلاملىق كارتىسى خىتاي مىقياسىدا تارقىتىلغان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان بارلىق ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى مۇشۇ كارتىدا ساقلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.