ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «لوپنۇرلۇقلارنى گەۋدىلەندۈرۈش» تەشۋىقاتى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا قانات يايدۇرۇۋاتقان «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاجايىباتلار قاتارىدا لوپنۇردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى نۇقتىلىق ئورۇن تۇتقان. شۇنداقلا بۇنىڭدىكى خىتايلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان كۆپلىگەن ئامىللار خىتاي ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇرلار دىيارىغا كۆپلەپ ساياھەتكە كېلىشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ئەمما بۇنىڭدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر «ھاڭۋاقتىلارچە جۆيلۈش» دەپ كۆرسەتتى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساياھەتچىلەر «لوپنۇرلۇقلار كەنتى» دە «قالماقلارنىڭ شەرققە كۆچۈپ كېلىشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغان» شۇنداقلا لوپنۇرلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مالخايلىرىغا قاراپلا ئۇلارنى موڭغۇللارغا باغلاپ قويغان.

بۇ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ياشىغانلىقى، جاڭ چيەن ۋە شۇەن زاڭ قاتارلىق خىتاي سەيياھلىرىنىڭ بۇ ماكاندا قانداق ئىزلارنى قالدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر جۈملىمۇ سۆز قىلىنمىغان. شۇنداقلا «لوپنۇرلۇقلار» ئالاھىدە بىر مىللىي تەركىب سۈپىتىدە ئۇيغۇرلاردىن پۈتۈنلەي مۇستەسنا ھالدا تەسۋىرلەنگەن.

ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنى «تارانچىلار» دېگەن نامدا ئايرىم مىللەت قىلىپ ئايرىپ چىققان ھەمدە ئۇلارنى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق بولغان بىر مىللەت، دەپ جاكالىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىمۇ مۇشۇنداق بىر شەكىلدە گەۋدىلەندۈرمەكچى بولغانلىقىغا ئۇيغۇر ئالىم-مۇتەخەسسىسلىرى گۇمان نەزىرى بىلەن قاراۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت