خىتاينىڭ چەتئەللەردە تارقىتىۋاتقان «شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» دىققەت قوزغىدى
2016.07.05
خىتاي ھۆكۈمىتى 2006-يىلدىن باشلاپ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، «شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي «خەلق» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ بۇ يىلقى تارقىتىش مۇراسىمى 5-ئىيۇل كۈنى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئوقۇش مۇكاپاتىنى خىتاينىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ ئەيگو تارقاتقان. مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەزكۇر مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان.
خەۋەردە يەنە مەزكۇر مۇكاپات بېرىلىدىغانلار ھازىرلايدىغان شەرتلەر ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ «خىتاينى سۆيىدىغان، خىتاينىڭ ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان، تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلغان» لىقى ئەسكەرتىلگەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەزكۇر ئوقۇتۇش مۇكاپاتى ئىلگىرى ياپونىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقىتىلغاندا، مۇكاپات بېرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتەك شەرتنى ھازىرلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ شەرتىدە ئېنىق سىياسىي مەقسەت بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.









