خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى جايلاردا كومپارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش دولقۇنى باشلىغان. چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى دائىرىلەرنىڭ بۇ تەشۋىقات پائالىيىتىنى يەنە بىر قېتىملىق «مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى» دەپ تەرىپلەشتى.
خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلارنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋەرلىرىدە ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان كومپارتىيە قۇرۇلۇش بايرىمىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا «قىزىل پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇش»، «كومپارتىيە قائىدە-نىزاملىرىنى ئۆگىنىش» پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، «كومپارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا كوممۇنىست پارتىيە نىزامى تەشۋىقاتى كۈچەيتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىدا كومپارتىيىنىڭ ئىجابىي ئوبرازى نامايان بولغانلىقى» تەرىپلەندى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان كومپارتىيىنى مەدھىيىلەش تەشۋىقاتى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى تەرىپىدىن «مېڭە يۇيۇش تەربىيىسى» دەپ تەرىپلەنمەكتە. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەجبۇرىي شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىدىن باشقا بۇ خىل مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق ئامىللارمۇ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
