خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كادىرلار ئارقىلىق چەتئەل دىپلوماتلىرىغا تەشۋىقات قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.08.03

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنياز يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە كەلگەن موزامبىك، ئانگولا، ئېستونىيە، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ماكاۋ (ئاۋمېن) دا تۇرۇشلۇق كونسۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەركىن تۇنياز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلار ھازىر ئەڭ بەختىيار ھالەتتە» دەيدىغان كونا مۇقامىنى قايتا تەكرارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەربتىكى «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ «شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ» دەپ «ئىغۋا توقۇغان» لىقىنى چۈشەندۈرگەن. زىيارەتكە كەلگەن دىپلوماتلارمۇ خىتاينى تېگىشلىك ماختىغان.

كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى بۇ قېتىمقى ۋەكىللەر قاتارىدا ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەردىن ئېستونىيە كونسۇلى «شىنجاڭ بىلەن ماكاۋ ئوتتۇرىسىدا ساياھەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم» دېگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەرىپلەيدىغان ئالاھىدە سۆزلەرنى قىلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق دىكتاتورا ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئېزىلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئېستونىيە بولۇپ، ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەنىدى.

ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل ئانالىزچىلاردىن ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان مۇشۇ خىل شەكىلدە ماڭقۇرتلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ‹ئالىيجاناب خىسلىتى›نى نامايان قىلىدۇ. ئەمما بۇ خىلدىكى ئەمەلدارلارنىڭ رولى تۈگىگەندە ئۇلارنى ئەسكىي پايپاقنى چۆرۈپ تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىدۇ. نۇر بەكرىنىڭ قىسمىتى بۇنىڭ جانلىق مىسالى» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.