خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سەپەرۋەرلىكى بىلەن يېقىندىن بۇيان بارغانچە كۈچىيىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقاتى، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن «شەكىلۋازلىق» دەپ تەنقىدلەندى.
خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 9-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە شىخۇ شەھىرىدە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىرنى قىلىش» يەنى «كومپارتىيە سىياسىتى، كومپارتىيە ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش» كومپارتىيە ئىستىلى تەربىيە تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلىپ، شىخۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ ئوبرازى ياخشىلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خىتايدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر خىل ناملار قويۇلغان «كومپارتىيە ئوبرازى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى» ئېلىپ بېرىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتى پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ئاشكارىلانغان كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى كۆپەيگەنلىكى سەۋەبلىك، بارغانچە ئېتىباردىن قېلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل شەكىلۋازلىق تەشۋىقاتى ئارقىلىق، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە بولغان دىققىتىنى بۇراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئادىل سىياسىتىدە باراۋەر ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
