ھوشۇر قارى قاتارلىق تونۇلغان ئارتىسلار سىياسىي تەشۋىقات ئويۇنلىرى قويۇشقا مەجبۇرلانماقتا
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچىدىكى «ئوپېرا ئۆمىكى» نىڭ ھوشۇر قارى، گۈزەلنۇر قۇربان، تۇرغۇن ئىمىر، گۈلجامال مەتنىياز قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ئارتىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەكنىڭ خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە توققۇز مەيدان ئويۇن قويغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
-
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-08-23 -

خەۋەردە ئارتىسلارنىڭ 18-ئاۋغۇست قاراقاش ناھىيىسى جاھانباغ يېزىسىنىڭ چاھاربار كەنتىدە قويغان تۇنجى مەيدان ئويۇنىدا، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيىلەشنى باش تېما قىلغان «ئىشىمىزغا ئارىلاشما»، «دادا، مېنى ئوقۇت» دېگەندەك تېمىلاردىكى نومۇرلارنى ئورۇنلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
رادىئومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا بولسا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قىزىل تەشۋىقات تۈسىنى ئالغان بۇ ناخشا، ئىتوتلارنى كۆرۈشكە تەۋەلىكتىكى دېھقان، چارۋىچىلارنى مەجبۇرىي قاتناشتۇرغانلىقى مەلۇم بولدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي تەشۋىقاتنى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىمەكتە.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت 23-ئاۋغۇست رادىئومىزدا بايانات بېرىپ: «دائىرىلەر ئىلگىرى يېزىلارغا چۈشكەن كادىرلارنى ئوي-ئۆيلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلدۇراتتى. بۇ يىل ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەتىلىنى قۇربان قىلىپ، سىياسىي تەشۋىقات ھاشارغا زورلاندى، بۇ ھەپتە يەنە، ئۆز تالانتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ئارتىسلارنىمۇ بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقاتقا زورلىماقتا. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سەنئىتىدىن زوق ئېلىش، سەنئەتچىلىرىنى قەدىرلەش روھىنى يوق قىلماقتا، شۇڭا ھازىر ئۇيغۇرلاردا سەنئەت نومۇرلىرىدىن بىزار بولىدىغان كەيپىيات كۈچەيدى. دۇنيا بۇ يۈزلىنىشكە دىققەت قىلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىشى كېرەك» دېدى.