خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى يۇقىرى پەللىگە يەتمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە خىلمۇ-خىل ئۇسۇلدا يۈرگۈزۈۋاتقان «ۋەتەنپەرۋەرلىك»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تېما قىلىنغان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىگە يەنە بىر يېڭى تۈر قوشتى. دائىرىلەر ئەمدى «قىزىل ساياھەت» دەپ ئاتالغان ساياھەت تۈرىنى يولغا قويدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى «قىزىل ساياھەت مەدەنىيەت يۇرتى» بەرپا قىلىش دېگەن نىشاننى چۆرىدەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى مۇھىم ئاساس قىلىنغان قىزىل ساياھەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. خەۋەردىكى رەسىملىك كۆرۈنۈشتە يېزا ئاھالىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى بىلەن بىر كىچىك مۇزېيىنى كۆرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بېرىلگەن.

بۇندىن سىرت ئاۋات ناھىيىسىدىمۇ «ئەجدادلىرىمىزنىڭ قېيىن تۇرمۇشىنى ئەسلەپ، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەيلى» تېمىسىدا بىر رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن ئاھالىلەر چوڭقۇر تەربىيىگە ئىگە بولدى، دېيىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئالما ئۇسۇلى، تەيجى گۇمپىسى، رەسىم مۇسابىقىسى، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىقلارنى تەشكىللەش ئارقىلىق كىشىلەرگە «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تەربىيىسى بېرىپ، پارتىيىنى كۈيلەشكە ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت چارشەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى زورلاپ تېڭىشنىڭ ئورنىغا، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى.