قەشقەر ۋىلايىتى دېھقان-چارۋىچىلاردىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان» ئىتوت ئۆمىكى تەشكىللىدى
ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى رايوندا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللارنى سىنىماقتا. قەشقەر ۋىلايىتى ئەمدى دېھقان-چارۋىچى ئارتىسلارنى تەشكىللەپ، پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرى مەزمۇن قىلىنغان ئىتوت ئويناش پائالىيىتىنى باشلىغان.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-09-01 -
-
-
ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى رايوندا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللارنى سىنىماقتا. قەشقەر ۋىلايىتى ئەمدى دېھقان-چارۋىچى ئارتىسلارنى تەشكىللەپ، پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرى مەزمۇن قىلىنغان ئىتوت ئويناش پائالىيىتىنى باشلىغان.
«خەلق تورى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، دېھقان-چارۋىچىلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ ئىتوتچىلار قەشقەر ۋىلايىتى تەركىبىدىكى ھەرقايسى ناھىيە-بازار، شەھەرلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇشنى، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلىدىكەن. بۇ ئۆمەك 30-ئاۋغۇست كۈنى يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ يەكشەنبە بازىرىدا ئويۇن قويغان.
تېخى يېقىندا، يەكەن ناھىيىسىدە 20 مىڭغا يېقىن كىشى خىتايچە يوسۇندا كىيىندۈرۈلۈپ، «دۆلەت ناخشىسى ئېيتىپ، تەيجى گۇمپىسى ئويناش» قا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر ۋەقە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاينى ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىپ كەلگەن.