لوپنۇردا ئاياللارغا دىنىي رادىكاللىقتىن يىراقلىشىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلدى
2016.09.06
خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 6-سېنتەبىردىكى سانىدا، لوپنۇر ناھىيىسىدە 1-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن «گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» نامىدىكى قوش تىلدا كىتاب ئوقۇش تەسىراتى مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئاياللارغا دىنىي رادىكاللىقتىن يىراقلىشىش تەشۋىقاتى كۈچەيتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
خەۋەردە مەزكۇر مۇسابىقىگە لوپنۇر ناھىيىسىدىكى 8 يېزىدىن كەلگەن 24 نەپەر ئايال قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكەن ئايدا لوپنۇر يېزىلىرىدا تارقىتىلغان «ئاياللار ئوقۇشلۇقى»، «ياخشى ئاتا-ئانا بولۇش»، «گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» قاتارلىق كىتابلاردىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزلەش ۋە بۇ كىتابلار ھەققىدە چىقىرىلغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۇسۇلىدا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاياللارنىڭ يەنە «ئۆزلىرىدىكى دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرلىرىنى تۈگىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردا «دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش»، «مەدەنىيەتلىك پۇقرا بولۇش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولۇش» قاتارلىق ناملاردىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ خىل پائالىيەتلەرنى «يەرلىك ئۇيغۇرلار دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىدىن يىراقلاشتى» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن مەدھىيىلىگەن. ئەمما،چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنى «مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى»، «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» دەپ تەنقىدلىمەكتە.









