ئۈرۈمچىدە «تېررورلۇق، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك مۇسۇلمان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك دىجىتال نازارەت يولغا قويغان بىر مەزگىلدە خىتايدىكى بىر قانچە جەمئىيەت ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئۈرۈمچىدە «تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6‏-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان يىغىنغا ھىندىستان، تۈركىيە، ئافغانىستان ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 دۆلەت ھەم خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ 60 تەك تەتقىقاتچىسى ۋە مۇتەخەسسىسى قاتنىشىپ، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، رادىكاللىقنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، خەلقئارا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش قاتارلىق تېمىلار» دا پىكىر ئالماشتۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق»، «رادىكاللىققا» قارشى تۇرۇش نامىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلماننى لاگېرلارغا قامىشى، ب د ت، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى. بۇ يىغىننىڭ دەل مۇشۇ پەيتتە چاقىرىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يىغىندا خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنگو خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ «تېررورلۇق» ۋە «رادىكاللىققا» قارشى تۇرۇشتا تاللىغان كۈرەش يولىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەت «ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، رادىكاللىقنى تۈگىتىش يولىنى ئۆزى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى باشقىلارغا تېڭىشقا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن. 

يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى ئاقلاپ، ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ «رادىكاللىقنىڭ يامىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئىزچىل ئاقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ «تېررورلۇققا» قارشى تۇرۇش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت