«شىنجاڭ ياخشى جاي» تور سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورىغان

بۇ يىل 7-ئايدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى تور يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان فرانسىيەدىكى پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى شەمشىددىن ھافىز ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورىغان. شەمشىددىن ھافىزنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» تور يىغىنىغا قاتنىشىشى فرانسىيەدىكى «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان ۋە لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار شەمشىددىن ھافىزغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

دىلنۇر رېيھاننىڭ 10-سېنتەبىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەرگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەمشىددىن ھافىز 9-سېنتەبىر دىلنۇر رەيھان بىلەن گۈلباھار جېلىلوۋانى ئۆزىنىڭ پارىژ چوڭ مەسچىتىدىكى ئىشخانىسىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ ئ‍ۆزىنىڭ «بىر مۇسۇلمان رەھبەر بولۇش سۈپىتىدە خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان باستۇرۇشلارغا قانداق چۈشەنچە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كۆرۈشكەنلىكى» ۋە تور يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى، بىراق «ھېچبىر قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ چىمىغانلىقى» نى ئېيتقان.

دىلنۇر رەيھاننىڭ ئېيتىشىچە، شەمشىددىن ھافىز يەنە «ئەسلىدە ياخشى نىيەتتە قىلغان بۇ ھەركىتى ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ئازاپ ئېلىپ كەلگەن بولسا، بارلىق ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شەمشىددىن ھافىزنىڭ كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر، ھەتتا تالىباندەك ئەڭ رادىكال ئىسلامچى گۇرۇھلارمۇ خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بارلىق ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىشى دىققەت قوزغىدى.