لائوستا «شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزۈلۈپ «شادىيانە شىنجاڭ» تەشۋىق قىلىنغان

خىتاينىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى بولغان لائوستا «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزۈلگەن.

خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، «شادىيانە شىنجاڭ» دېگەن تېمىنى ئاساس قىلغان بۇ ھەپتىلىك 11-ئۆكتەبىر كۈنى لائوس پايتەختى ۋېنتيەندىكى دۆلەتلىك مەدەنىيەت سارىيىدا باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن تەشكىللەپ كېلىنگەن ئارتىسلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شات-خورام، ئىناق-ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقى مەزمۇن قىلىنغان سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» نامىدىكى بۇ تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختكە ئېرىشكەنلىكى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ھازىرغىچە بۇ پائالىيەت ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەردە، ئىران، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ نۆۋەت لائوستىكى بۇ ھەپتىلىك پايتەخت ۋېنتيەن ۋە لائوسنىڭ ئوتتۇرا قىسىمدىكى ساۋانناكىت ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ جەنۇبى ئۆلكىلىرىدىكى چېگرالار ئارقىلىق ۋىيېتنام، لائوس، مالايشىيا ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.