خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلاش تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.11.21

» خىتاي خەۋەرلەر تورى «نىڭ 18-نويابىر كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدىكى «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالىملار ئۇيۇشمىسى»، «ياۋروپادا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش مۇنبىرى» قاتارلىق ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئىتالىيەدە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى قىلغان.

دىققەت قوزغايدىغىنى، مەزكۇر پائالىيەتتە «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالىملار ئۇيۇشمىسى» نىڭ مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەزىمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش يىغىن قاتناشچىلىرىغا خىتايدا «ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى» ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل نومۇرلىرىمۇ كۆرسىتىلگەن ئىكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان يەنە بىر خەۋەردە بولسا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىن بولغان جانار نۇرمۇخان ئىسىملىك بىر نەپەر قازاق ئايالنىڭ ھېكايىسىمۇ يورۇتۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئايال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائاشلىق تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت، «قوشماق تۇغقان» قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ چۈشەندۈرىدىغان تەشۋىقاتچى ئىكەن. خەۋەردە ئۇنىڭ بۇ روھى ئۈچۈن خىتاي دۆلەتلىك تەشۋىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغانلىقى مەدھىيلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن سىياسىتى ۋە لاگېرلاردىكى ئەمەلىيەتنىڭ چەتئەللەردە ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق شاھىتلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە ئاشكارىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق ئوبرازلارنى تاللاپ تۇرۇپ تەشۋىقات ماتېرىيالى قىلىشى دىققەت قوزغايدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نامىدىكى 6 كىشىلىك بىر ئۆمەك قاتار، بەھرەيىن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېر سىياسىتىنى ئاقلاش زىيارەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.