ئۇيغۇر دىيارىدىكى قارىمۇ-قارشى تەشۋىقات مەنزىرىلىرى گۇمان قوزغىماقتا

2020-12-01
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات، ئەدلىيە ۋە قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە 30-نويابىردىن 6-دېكابىرغىچە پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر سېيىت شۇ كۈنكى نەق مەيدان يىغىنىدا «ئاساسىي قانۇن بىلەن ‹شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى› نى زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا شى جىنپىڭنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىدىيىسىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش» ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى» ھەرقايسى شەھەرلەردىن ئەڭ چەت يېزا-قىشلاقلارغىچە بولغان جايلاردىكى بارلىق ئىدارىلار، مەكتەپلەر، مەھەللىلەر، كارخانىلار ۋە مەسچىتلەردە ئۆتكۈزىلىدىكەن. بۇنىڭدا مۇشۇ تېمىنى چۆرىدىگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن ئېڭى، دۆلەت ئېڭى، شۇنداقلا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى تەن ئېلىش ئېڭى» قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈش مەقسەد قىلىنىدىكەن.

ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي «ئاساسىي قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەقلىرى، جۈملىدىن ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دېگەنلەرنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغانلىقى، بۇ ھەقلەرنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە سۆز قىلغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدەك كۆپلىگەن ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بۇ خىل «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش» قىلمىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش بولۇپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئۆرۈلۈپلا «ئاساسىي قانۇننى تەشۋىق قىلىش» ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلىشىدىن مۇھاجىرەتتىكى كىشىلەر بەكمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلماقتا ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «خىتاي ھەربىي ئىشلار تورى» نىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم توپچىلار پولكى تەكلىماكان رايونىدا ئەمەلىي توپ ئېتىش مانىۋېرى قىلغان. نۆۋەتتە تەقلىدىي «دۈشمەن» ئىستىھكاملىرىغا ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەكلەر ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش مانىۋېرىنىڭ زادى كىمنى «دۈشمەن» دەپ تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقانلىقى، ھەرقايسى جايلاردىكى «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى» بىلەن بىرلەشكەن ھالدا كۆپلىگەن گۇمانلارنى تۇغدۇرماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت