خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشقا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكادىكى بىر شىركەتنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا تور ئاكتىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشقا ياللىۋالغان. ئامېرىكادىكى «ئاشكارا مەخپىيەتلىك» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئامېرىكانىڭ نېۋجېيسېي شتاتىدىكى بىر شىركەتنى ياللىۋالغان بولۇپ، تور ئاكتىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىجتىماي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش 300 مىڭ دوللارلىق بۇ توختامنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.
«ئاشكارا مەخپىيەتلىك» تورى 2022-يىلى 3-ئايغا قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ توختامنىڭ پۇلىنى خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى كونسۇلخانىسى بېرىدىغانلىقى، كونسۇلخانىنىڭ بۇ شىركەتكە بۇ يىل 23-نويابىر كۈنى 210 مىڭ دوللار زاكالەت تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، لىتۋا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغان، بايقۇت قىلىش سېپىگە قوشۇلىدىغان دۆلەتلەر كۆپىيىشكە يۈزلەنگەن بىر ۋاقىتتا ئاشكارىلاندى. «ئاشكارا مەخپىيەتلىك» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتكە «كۆرۈرمەنلەرنى قوزغىتالايدىغان، كەڭ قىزىقىش قوزغايدىغان، سەرخىل مەزمۇنلارنى تارقىتىدىغان» تور ئاكتىپلىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن پۇل تۆلىگەن.
بۇ خەۋەر 17-دېكابىر ئامېرىكادىكى بەزى سىياسىيونلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى نىكېي خەيلېي تۋىتتېردا بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ئۈچۈن پۇل بەرگەن داڭلىق شەخس ياكى تەسىرلىك كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىشى كېرەك» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭدىن پۇل ئالغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ «ئىنسان ھەقلىرىگە ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا يول قويغان بولىدىكەن».