ئاۋسىترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقاتى مەركىزىدە ئىشلەيدىغان پروفېسسور جېن گوللى ئالدىنقى ھەپتە دۆلەت ئاخبارات ئورۇنلىرىغا ئېيتقان سۆزىدە خىتايغا ئائىت دوكلاتلاردا «پاكىت جەھەتتە خاتالىقلار» بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردە غولغولا پەيدا قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت دوكلاتتا ئىسىمسىز تەتقىقات ماقالىلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلار بارلىقىنى، بۇنىڭ تەتقىقات ئۆلچىمىگە لايىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، «1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرغا سولاندى دېگەن گەپ ئاشۇرۇۋېتىلگەن» دەپ تۇرۇۋالغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش جىنايىتىگە كۆز يۇمۇپ، «ئۇ دېگەن خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ پروفېسسورنىڭ «ئىسىمسىز تەتقىقات ماقالىلىرى» دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەييارلىغان 18 بەتلىك ھۆججەت بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەنقىد نىشانى گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئىكەن. ئادرىيان زېنز كۆپىنچە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ پاكىت ئاساسىدا يەكۈنلەپ چىققان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىشەنچلىك بولغىنى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر غەرب ئەللىرىدىكى خىتايپەرەس تەتقىقاچىلارنىمۇ ئىشقا سېلىپ، ئادرىيان زېنىزدەك تەتقىقاتچىلارغا قارشى سۆزلىتىپ، ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.