خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلدىن باشلاپ، ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» ئاتالغۇسىنى پەيدا قىلغاندىن تارتىپ، بۇ سۆزنى بارغانچە نورماللاشتۇرۇشقا ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇنى يېڭى شەكىللەر بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 15-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 2024-يىللىق «كەسپىي مائارىپ ھەپتىلىكى پائالىيىتى» سانجى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا باشلانغان. «قولۇڭدا بىر ھۈنەر بولسا بىر ئۆمۈر غەم قىلمايسەن» تېمىسىدىكى بۇ پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، تور-ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى، مائارىپ نازارىتى قاتارلىق 10 ئورۇن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، رايوندىكى 8 چوڭ كەسىپ گەۋدىسى بويىچە ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئەھمىيىتى، ھۈنەر-تېخنىكىلىق ئىشچىلارنىڭ رايوننىڭ تەرەققىياتىغا قوشىدىغان تۆھپىسى قاتارلىقلار تەشۋىق قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، 2019-يىلى دېكابىردا بېيجىڭدا ئېچىلغان بىر ئاخبارات يىغىنىدا «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ ئاساسەن دېگۈدەك مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2023-يىلى 8-ئاۋغۇستتىكى بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغا قەدەر 1 مىليون 932 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە 1 مىليون 500 مىڭدىن ئىبارەت يىللىق پىلاننىڭ %128 ئورۇندىلىپ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە ھازىرغا قەدەر 300 مىڭ 800 ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ %65 ئورۇندىلىپ بولۇنغانلىقى بايان قىلىنغانىدى.
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا، بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا شەكىل ئۆزگەرتكەن «تەرەققىيات سىياسىتى»، ماھىيەتتە بولسا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلانغان باستۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
