خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىغان
«تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەپ تەكرارلاپ «بارلىق تەيۋەن مۇستەقىللىقى ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىر مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خىتايلىقلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024-05-23 -
-
-
تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن ئەتراپىدا ئىككى كۈنلۈك كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغان ۋە بۇ مانېۋىرىنى تەيۋەننىڭ «بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» گە بېرىلگەن «جازا» دەپ ئاتىغان.
تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې 20- ماي كۈنى كۈنى قەسەم بېرىپ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغانىدى. ئۇ شۇ كۈندىكى سۆزىدە، خىتاينى «تەيۋەننى پاراكەندە قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، تەيۋەننىڭ ئاخىرقى غايىسىنىڭ مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى» تەكىتلىگەن.
س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 23- ماي پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە باشلانغان بۇ ھەربىي مانېۋىر ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى بۇ مانېۋىرغا خىتاينىڭ نەچچە ئون كۈرەشچى ئايروپىلانى، قوغلىغۇچى پاراخوت، قوغدىغۇچى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرىدىغان تېز كېمىلىرى قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ ھەربىي مانېۋىر ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەيۋەننى چۆرىدەپ بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىدى ھەمدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان بۆلگۈنچى كۈچلەرنى ئۈنۈملۈك جازالىدى» دېگەن.
ۋاڭ ۋېنبىن يەنە، «تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەپ تەكرارلاپ «بارلىق تەيۋەن مۇستەقىللىقى ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىر مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خىتايلىقلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. بارلىق تەيۋەن مۇستەقىلچى، بۆلگۈنچى كۈچلىرى خىتاينىڭ بىرلىشىشىنىڭ تارىخى يۈزلىنىشى ئالدىدا مەغلۇپ بولىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكالىق گېنېرال لېيتېنانت ستىفېن سكلېنكا پەيشەنبە كۈنىدىكى ئىنكاسىدا «ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ تەيۋەننى قورشاپ تۇرۇپ قىلىدىغان بۇ ھەربىي مانېۋىرىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمما خىتاينىڭ بۇنداق بىر ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانلىقىنى» دېگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بولسا پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئۆزىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەرەققىياتلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنى «رايوندىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا» چاقىرغان.