خىتاي ئارمىيەسى 1959-يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىنىڭنىڭ خاتىرە كۈنىدە لاسادا ھەربىي ھەيۋە كۆرسەتكەن


10-مارت كۈنى تىبەت خەلقىنىڭ 1959-يىلىدىكى زور قوزغىلىڭى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇلغان بىر قارا كۈن.

دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى تىبەت مۇھاجىرلىرى 1959-يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 58 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ئارمىيەسى لاسادا ھەربىي ھەيۋە كۆرسىتىشكە باشلىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ نيو-يوركتىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 3-ئاي كىرىشى بىلەن تىبەت رايونىغا قارىتىلغان يوقىرى بېسىملىق تەقىپىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 3-مارت كۈنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تىبەتتە تۇرۇشلۇق 5 مىڭ كىشىلىك خىللانغان قىسمى مىڭ دانە ھەربىي ئاپتوموبىل بىلەن بىرلىكتە لاسا كوچىلىرىدا ھەربىي كۈچ كۆرسەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە تىبەت ئاپتونوم رايونى يوقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2-ئايدىن تاكى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ تىبەتكە كىرىشىنى چەكلىگەن.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10-مارت كۈنى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېلھىدا يۈزلىگەن تىبەتلەر خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ: «تىبەت خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس، بىزگە ئەركىنلىك كېرەك!» دەپ شۇئار توۋلىغان.