خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىكىپېدىيەنىڭ كۆپ خىل تىللاردىكى تور بەتلىرىنى چەكلىگەن

بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى مول مەزمۇنلۇق تور ئىنسىكلوپېدىيەسى بولغان ۋىكىپېدىيە تورىنىڭ ئوخشىمىغان تىللاردىكى تور بېتىنى چەكلىگەن.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ۋىكىپېدىيەنىڭ خىتاي تىلىدىكى تور بېتى 2015-يىلدىن باشلاپ چەكلىۋەتكەن بولۇپ، بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ ۋىكىپېدىيەنىڭ باشقا تىللاردىكى تور بەتلىرىمۇ چەكلەنگەن.

خەۋەردە خىتايدىكى تور بەتلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغان «بۈيۈك تور توسۇقى(Great Firewall)» نى ياساپ چىققان شىركەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ۋىكىپېدىيەنىڭ بارلىق تىللاردىكى تور بەتلىرىنىڭ خىتايدا چەكلىنىشى خىتاينىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك رېياللىقلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

ۋىكىپېدىيەدە دۇنيادىكى ھەرخىل مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، تارىختا ۋە بۈگۈن يۈز بەرگەن چوڭ كىچىك ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلار بار بولۇپ، ھازىرقى تور مۇلازىمىتى 281 خىل يېزىقتا تەمىنلىنىۋاتقان ئىكەن.

ۋىكىپېدىيەگە ئوخشاش ئۇچۇر مىقدارى كۆپ بولغان بىر تور بېكەتنىڭ بارلىق تىللاردىكى نۇسخىلىرىنىڭ خىتايدا چەكلىمىگە ئۇچرىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى مۇتلەق كونترول قىلىشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى ئىكەن.