خىتاي ھۆكۈمىتى توردىكى دىنى مەزمۇنلارغا قارىتىلغان كونتروللۇقنى پۈتكۈل خىتايغا كېڭەيتمەكتىكەن

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى توردىكى دىنى مەزمۇنلارغا قارىتىلغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغان يېڭى بىر لايىھىنى ئېلان قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى توردىكى دىنى مەزمۇنلارغا قارىتىلغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغان يېڭى بىر لايىھىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر لايىھە دۈشەنبە كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغاندىن سىرت، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلار ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرىغا قاراتقان تەقىبنى تەدرىجىي كۈچەيتكەن، چېركاۋلار ۋە مەسچىتلەرنى چېقىشنى تېزلەتكەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يۇقىرىقى بۇ لايىھىدە بۇندىن كېيىن پەقەت دۆلەتنىڭ ئىجازەتنامىسى بولغان ئورگانلارنىڭلا ئىنتېرنېت تورىغا بەلگىلىك دائىرىدىكى دىنى مەزمۇنلارنى يوللىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقى، باشقا ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا توردا دىنى مەزمۇندىكى رەسىم، سىن ماتېرىياللىرى، دىنى مەزمۇندىكى تېكىستلەر ۋە دىنى مەزمۇندىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۇلانمىلىرىنى ھەمبەھىرلىشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى بۇ لايىھىدە يەنە چەتئەللەردىكى ھەرقانداق بىر شەخس ۋە ئورگاننىڭمۇ خىتاي ئىچىدە دىننى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى چەكلەنگەن ئىكەن. لايىھىدە يەنە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان ئورگانلارنىڭ بىردەك تاقىلدىغانلىقى، شەخسلەرنىڭ بولسا «قانۇنغا ئاساسەن» بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىق بىلەن فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆز خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا قاراتقان بۇنداق كونترول سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئەڭ ئېغىرلىقى ۋە بۇنىڭ بەدىلىنى بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېردا يېتىش ئارقىلىق تۆلەۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت توردا دىنى مەزمۇندىكى رەسىم ياكى سىن ماتېرىياللىرىنى چىقارغانلىقى ئۈچۈنلا «ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقىنى بايان قىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىقى بۇ لايىھىنىڭ بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتكىنىدەك ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان قاتتىق كونتروللۇق سىياسىتىنىڭ ئەمدىلىكتە پۈتكۈل خىتايغا كېڭىيىدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.