ئامېرىكىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەللەردىكى خىتاي تەنقىدچىلىرى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان تور ھۇجۇمى ۋە «يۈزىنى تۆكۈش» ھەرىكىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا ئىكەن.
مەزكۇر تەشكىلات بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان مۇخبىرلار ۋە خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى خادىملىرى بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن.
پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا زادى كىمنىڭ بارلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىيالمىسىمۇ، ھۇجۇملاردا خىتاينىڭ قولى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئۆزىگە قارىتىلغان يۇقىرىقىدەك ھۇجۇملارنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن كانادادىكى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىم مۇنداق دېگەن: «2006 - يىلىدىن باشلاپ مەن ماڭا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ئەخلاقىي قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلدىم. بۇ خىل ھۇجۇملار 2012 - يىلىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى.»
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە ئادىمىيلىكىگە قارىتىلغان بولۇپ، ھۇجۇملاردا ئۇنى «بۇزۇق»، «خىتاينىڭ ئىشپىيونى» دەپ قارىلايدىغان مەزمۇنلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ دائىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شېڭ شۆ 1989 - يىلىدىكى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن كاناداغا چىقىپ يەرلەشكەن ھەمدە خىتايغا قارشى ماقاللىرى ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرى بىلەن تونۇلغان پائالىيەتچى ئىدى.
مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نيۇ - يوركتىكى ۋېن يۈنچاۋ ئىسىملىك بىر يازغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 28 - فېۋرال ئۇنىڭ 14 ياشلىق ئوغلىنىڭ نامىدا ئېچىلغان بىر تۋىتتېر ھېساباتى ۋېننى «خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشپىيونى» دەپ ئەيىبلەيدىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا باشلىغان.
ۋېن 2013 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۆزىگە قاراتقان تور ھۇجۇمنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ھۇجۇملار يەنە ئاۋسترالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىغان خىتاي ئۆكتىچىلىرىگىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان.
