خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان

خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى دىپلوماتى تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىقنى، غەربنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. لېكىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

خەۋەردە خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ب ب پ نى قاچان زىيارەت قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. لېكىن بۇ خەۋەر 21‏-يانۋار ئۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن كۈنى تارقالدى. ب ب پ نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈنسال قارابۇلۇتنىڭ تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇشاۋىرى چېڭ ۋېيخۇا بىلەن ئەلچىخانىنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا مەسئۇل 1‏-كاتىپى ۋاڭ فېي ب ب پ نىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار ب ب پ رەئىسى مۇستافا دەستىچى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇستافا دەستىچى ئۇلار بىلەن ب ب پ باش كاتىپى ئۈزەيىر تۇنچ بىلەن مۇئاۋىن رەئىسى ئۈنسال قارابۇلۇتنى كۆرۈشۈشكە بۇيرۇغان. ئۈنسال قارابۇلۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە كۆرۈشۈشتە خىتاي دىپلوماتلىرى مەزكۇر پارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇلارىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسمىنى قوللانماسلىقىنى تەلەپ تەلەپ قىلغان. خىتاي دىپلوماتلىرى يەنە مەزكۇر پارتىيەنىڭ 7‏-فېۋرال كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىنى بىكار قىلىشىنى، ھېچبولمىسا بۇ ئىسىمنىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۈنسال قارابۇلۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، «ئۇ يەردە قېرىنداشلىرىمىز ئۆز تىلى ۋە دىنى بىلەن ياشىيالمايۋاتىدۇ. . . خىتايلارنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، ئادەم شۇ ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان بىر ئۇيغۇر قىزىنى خىتايلار بىلەن ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلاشقا قانداق رازى بولسۇن» دېگەن.

ئۈنسال قارابۇلۇتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرى يەنە ب ب پ رەھبەرلىرىنى «غەربنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يالغان خەۋەرلىرىگە ئىشەنمەسلىك» كە ئۈندىگەن. لېكىن ب ب پ مەسئۇللىرى قولىدا ئۇ رايوندىن ئېرىشكەن ئۇچۇر ۋە نەق دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ) بولۇپمۇ ئۇ شۇ خەلقنىڭ ئۆز دۆلىتى بولسا( تېخىمۇ تەڭ باراۋەر ياشاش ھەقلىرىگە ئىگە بولۇشىدۇر،» دېگەن.