خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستېرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
2016.11.20
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستېرى ۋاڭ يى 13-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدە خىتاي-تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستېرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان.
مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن كېيىن خىتاي دىپلوماتىيە مىنستېرى ۋاڭ يى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستېرى چاۋۇش ئوغلى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەن.
خىتايدىكى خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاڭ يى بىلەن چاۋۇش ئوغلى مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى دۆلەتنىڭنىڭ سودا-تىجارەت ئالاقىسى شۇنداقلا تېررورلۇققا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
ھالبۇكى، مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ئالدىنقى ئايلاردىن بۇيان خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيە ساقچى ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ دېلوسى تىلغا ئېلىنمىغان.
ئابدۇلقادىر ياپچان بۇ يىل خىتايدا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى ھارپىسىدا تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن 1-سېنتەبىردە تۇتۇپ كېتىلىپ 29-سېنتەبىر كۈنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ نەزەربەنتتىن قويۇپ بېرىلىپ، ئارىدىن بىر سوتكا ئۆتمەيلا يەنە تۇتۇلۇپ كېتىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.
گەرچە ئىستانبۇلدىكى باكىركۆي سۈلھى جازا سوت مەھكىمىسى ئابدۇقادىر ياپچاننى 40 كۈنلۈك نازارەت ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ مۇددەت ئۆتۈپ تاكى ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستېرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ نەزەربەنتتىكى ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىما ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تەقدىرىگە زادى قانداق سىگنال ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.