«چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ماي كۈنى 2024-يىللىق «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى» ئېلان قىلىپ، بۇ يىلمۇ خىتاينى دۇنيادا ژۇرنالىستلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە قامالغان دۆلەت، دەپ باھالىغان.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيا بويىچە رەسمىي تۈرمىگە قامالغان 300 دىن ئارتۇق ژۇرنالىستنىڭ 119 نەپىرى خىتايدا ئىكەن. بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچىدە يەنە خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالىنىڭ دۇنيادىكى 180 دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە 172-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتىمۇ دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر خەلقئارالىق ئاخبارات ئەركىنلىك ئورگانىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر خىتايدىن قالسا بەھرەيىن، ۋىيېتنام، تۈركمەنىستان، ئىران، شىمالىي كورېيە، ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە ئېرىتېرىيە ئىكەن. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2019-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتايدا رەسمىي تۈرمىگە قامالغان ژۇرنالىستلارنىڭ 50 پىرسەنتىدىن كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغان 111 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ 58 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغانلار ئىچىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدىن بولغان ژۇرنالىستلارنىڭ سانىدا قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقى نامەلۇم.
كىشىلىك ھوقۇق ۋە چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2017-2018-يىللىرى لاگېرلارغا قامالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىلەرگە يۆتكىۋېتىلگەن ياكى تۇتقۇنلار تۇرۇشلۇق لاگېرلار تۈرمىلەرگە ئۆزگەرتىلگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا يېقىنقى ئالتە-يەتتە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، شۇنىڭدەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
