تۈرمىدىكى ئادۋوكات گو فېيشيوڭنىڭ ئايالى شى جىنپىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىغا جايلاشقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تۈرمىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گو فېيشيوڭ 11 كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئايالى جاڭ چىڭ خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى مەزكۇر مەسىلىگە قول تىقىشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گو تۈرمىدە ئۆزى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق بەدەن تەكشۈرۈشكە قارىشى 9 - مايدىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلىشنى توختاتمىغان.

باياناتقا قارىغاندا، گو ئۈستىدىن ئىشلىنىدىغان بەدەن تەكشۈرۈش ئادەمنىڭ ئىنسانىي قەدىر - قىممىتىگە دەخلى قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، تۈرمە دائىرىلىرى بۇ تەكشۈرۈشنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى تور دۇنياسىغا يايىمىز، دەپ گوغا تەھدىت سالغان ئىكەن.

گونىڭ خوتۇنى جاڭ چىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى كېچىياڭغا يوللىغان ئوچۇق خېتىدە، ئۇلارنى گو تۈرمىدە ئۇچراۋاتقان خورلۇقلارنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

گو فېيشيوڭ خىتايدا كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، ئۇ خىتايدىكى سىياسىي تېمىلارغا چېتىلىدىغان دېلولارغا كۆپ قېتىم ۋاكالەتچىلىك قىلغان.

ئۇ 2006 يىلى 30 - سېنتەبىر «قانۇنسىز سودا قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى» ئارتىلىپ بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 2011 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن.

گو فېيشيوڭ ئاخىرقى قېتىم 2013 - يىلى ئاۋغۇستتا تۇتۇلغان ۋە شۈ يىلى كۈزدە «ئادەم توپلاپ جەمئىيەت تەرىپىنى بۇزۇش» جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org