خىتاي ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ خىتاي پۇقرالىرى كىرەلمەيدىغان، ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرى كىرىپ خالىغانچە ئۆز تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان «X» تىكى رەسمىي ھېسابىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىدىغان بىر ۋىدىيو ھەمبەھىرلىگەن. ئۇ، 13-مارت كۈنى تارقاتقان بۇ ۋىدىيو، خىتاينىڭ كومپارتىيەسىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى مەزگىلىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن ئاخبارات يىغىنىدىن ئېلىنغان.

ئاخبارات يىغىنىدا ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەكرەم مەمەتئىمىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ۋەكىل ئۇيغۇرلارنىڭ پاختىچىلىق ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىپ، «قاردەك ئاق پاختىلار بىزنىڭ كىرىم مەنبەيىمىز. بىز پاختا تېرىشقا تايىنىپ، پۇل تېپىپ، ماشىنا ئالىمىز، ئۆي ئالىمىز. ياخشى كۈن كۆرىمىز. ئەجىبا، ئۆزىمىزنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، پاختىمىزنى تېرىپ ياخشى كۈن كۆرۈۋاتساق، ئۇنى قانداقمۇ مەجبۇرلاش دېگىلى بولسۇن؟ » دېگەن. خۇا چۈنيىڭ بۇ ۋىدىيونى ھەمبەھىرلەپ، «شىنجاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئامېرىكانىڭ ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، پاختا مەھسۇلاتلىرىمىزغا جازا قويۇشىغا سوئال قويدى» دەپ يازغان.

ئەكرەم مەمەتئىمىن ئىسىملىك يۇقىرىقى ۋەكىل شۇ كۈندىكى سۆزىدە يەنە، «ھازىر پاختا تېرىش ئىشلىرى پۈتۈنلەي ماشىنىلاشتى. ئامېرىكا شىنجاڭنىڭ پاختا يىپ سانائىتىگە ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› نامىدا جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ماھىيەتتە شىنجاڭدا ‹مەجبۇرىي ئىشسىزلىق› ۋە ‹مەجبۇرىي نامراتلىق› پەيدا قىلدى» دېگەن سۆزلەرنىمۇ قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەڭ كۆپ سېلىنىدىغان ساھە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان پاختىنى مەنبە قىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەن ئىدى. بۇ چەكلىمە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولغاچقا، ئۇلار ھە دەپ بۇ ئەيىبلەشنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز بۇلتۇر 5-ئايدا ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆسىدىغان ئۇزۇن تالالىق پاختىنى تېخىچە ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىش ئىمكانى يوق ئىكەن. بۇنداق پاختىلار يەنىلا ئادەم كۈچىگە تايىنىپ بىرمۇبىر يىغىۋېلىنىدىغان بولغاچقا، 2021-ۋە 2022-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئىزچىل ھالدا مەجبۇرىي پاختا تېرىشكە يۆتكەلگەن، بۇنداق يۆتكەش خىتاينىڭ 2021-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭمۇ بىر قىسمى ئىكەن.