خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل 125 مىڭ ئادەم قېتىم قۇرۇلۇش ئۇستىسى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇ يىل ئىچىدە 125 مىڭ ئادەم قېتىم قۇرۇلۇش ئۇستىسىنى تەربىيەلەشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىشچىلار ئۈچۈن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا تەرەققىيات نازارىتى 2024-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا تەرەققىياتىغا دائىر يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىكەن. خەۋەردە شەھەر ۋە يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەپ، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا كۆپلەپ ئىشچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلارنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە خىتاينىڭ دۆلەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى زاۋۇت-كارخانىلىرىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. قۇرۇلۇش ساھەسىگە بۇنچە كۆپ ئىشچىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى ئەندىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە.

مەزكۇر خەۋەرگە قارىغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇرۇلۇش سانائىتىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 340 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، رايون ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 7 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۆتكەن تۆت يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدا جەمئىي 520000 قۇرۇلۇش ئىشچىسى تەربىيەلەنگەن بولۇپ، 370 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى يارىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.