2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپلەپ خىتاي كارخانىلىرىنى يۆتكەپ چىققان خىتاي ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقىي سودا ئېكسپورتىنىمۇ كۈچەيتكەن. نۆۋەتتە، رايوننىڭ تاشقىي سودا ئېكسپورتىنىڭ نۇقتىلىق « بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە قاراپ كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2023-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقىي ئېكسپورت سوممىسى 149 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 65.2 پىرسەنت كۆپەيگەن. ھالبۇكى، بۇ ئېكسپورت سودىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش چۇقانلىرى كۈچىيىۋاتقان، شۇنداقلا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى رايوننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قاتتىق چەكلەش ياكى بايقۇت قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقىي سودىسىنى «بىر بەلباغ بىر يول» دۆلەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكسپورت سوممىسىنى جىددىي كۆپەيتىشى دىققەت قوزغىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوننىڭ يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدىكى 149 مىليارد 620 مىليون يۈەنلىك تاشقىي سودا ئېكسپورتىنىڭ 138 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك قىسمى «بىر بەلباغ بىر يول» دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىكەن. خەۋەردە «بىر بەلباغ بىر يول» دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئېكسپورت ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 68.2 پىرسەنت ئارتقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتكە قارىتىلغان تاشقىي سودا ئېكسپورتىنىڭ 119 مىليارد 660 مىليون يۈەن ئىكەنلىكى، بۇ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 75.1 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، رايوننىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچىدە ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل ۋە كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئارتقان. خەۋەردە، بۇ مەھسۇلاتلار ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 363.3 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل ۋە كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىشى رايوندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن ساھەلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
