خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلماقتا
2023.09.28
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» ، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 28-سېنتەبىر كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك 9-قېتىملىق يىغىنىدا «مەسىلىلەرگە جىددىي قاراش ئېڭى ۋە تىغنى ئىچىگە قارىتىش جاسارىتىنى كۈچەيتەيلى» دېگەن شوئار تەكىتلەنگەن.
خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ «تۆمۈر سوقۇش ئۈچۈن بىلىكىڭ كۈچلۈك بولسۇن» دېگەن سۆزىدىن باشلانغان بۇ خەۋەردە كۆرۈلگىنىدەك، يىغىننىڭ باش تېمىسى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭدا قىلغان سۆزى» نىڭ روھىنى ئۆگىنىش بولغان؛ «شىنجاڭ خىزمىتى» نىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدە تۇتىدىغان ئالاھىدە ئورنى، خىتاي دۆلىتىنى كۈچلەندۈرۈش، خىتاي مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بولغان ھالقىلىق مۇناسىۋىتى تەكىتلىگەن؛ شۇڭا «شىنجاڭنى تۈزەش» خىزمىتى يېتەرلىك بولدى دەپ قارىماسلىق كېرەكلىكى، «مەسىلىگە جىددىي قاراپ، تىغنى ئىچىگە قارىتىپ، مەسىلىنى ئىچىدىن ھەل قىلىش، ‹ئۆسمە› نى ئىچىدىن كېسىپ تاشلاش، مەسىلىنى ھەل قىلمىغۇچە بولدى قىلماسلىق، سىياسىي ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش» قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن سىياسەتلەر خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى تېخىمۇ قەبىھ ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەندىشىسى پەيدا قىلماقتا.
شى جىنپىڭ 2014-يىل ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «قىلچە رەھىم قىلماسلىق» بۇيرۇقىنى بەرگەن بولۇپ، ھەر قېتىم «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ئاچقاندا ياكى بۇ رايوننى كۆزدىن كەچۈرگەندە، قاتتىق قول سىياسىتىنى تېخىمۇ قەبىھلەشتۈرۈپ كېلىۋاتقانىدى. «گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ بۇ يىل 8-ئايدا ئېلان قىلغان ھۆججەتلىك فىلىمىدا، شى جىنپىڭ يوليورۇق بېرىپ باستۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.