خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە «يېڭى شەرق تېز پويىزى» ساياھەتچىلىكى تەسىس قىلغان

خىتاي دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇقتىلىق ساياھەت مەركەزلىرىگە ئاپىرىپ، ئەلا سۈپەتلىك پويىز ساياھىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان «يېڭى شەرق تېز پويىزى» لىنىيەسىنى تەسىس قىلغان.

چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت گۇرۇپپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماسلىققا چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە تەسىس قىلىنغان بۇ پويىز دىققەت قوزغىدى.

خىتاينىڭ «خەلق تورى» دا چىققان بۇ خەۋەرگە قارىغاندا، «يېڭى شەرق تېز پويىزى» ئۈرۈمچىدىن باشلاپ، ئىلى، كۇچا، تاشقورغان ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى مەنزىرىلىك ساياھەت ئورۇنلىرىدا توختايدىغان بولۇپ، تۇنجى سەپىرىنى يېقىندا باشلايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بەس- بەستە خەۋەر تارقىتىپ، پويىزغا ساياھەتچى چاقىرىشنى باشلىۋەتكەن. ئۇلار ئېلانلىرىدا «ساياھەتچىلەر كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەشھۇر سايرام كۆلى، نارات يايلىقى ۋە بۇغدا كۆلى قاتارلىق سەيلىگاھلارنى تاماشا قىلالايدۇ ھەمدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر قەدىمىي مەنزىرىلىك رايونىدىكى يەرلىك ئەنئەنىۋى خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن زوق ئالالايدۇ» دەپ يازغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنى چەكلەپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان قەبىھ باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ مەزگىلدە ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەخسۇس دوكلات ۋە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەت تۈرى تەشكىللىمەسلىككە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايون ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىغا ئورتاق بولماسلىققا چاقىرغانىدى.