تۈركىيە خىتايدىن 50 مىليون دانە كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى سېتىۋالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-12-03
Share

تۈركىيە خىتاينىڭ بىئولوگىيىلىك دورا شىركىتى بىلەن 50 مىليون دانە كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى سېتىۋېلىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا 2-دېكابىر چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدىن ئەۋەتىلىدىغان تۇنجى ۋاكسىنىنىڭ 11-دېكابىر كۈنى يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى، ۋاكسىنىلارنىڭ دەسلەپ تۈركىيە تەجرىبىخانىلىرىدا تەكشۈرۈلۈپ بىخەتەرلىكى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

فاھرەتتىن كوجا يەنە «ئەگەر تەرەققىيات بىز ئويلىغاندەك ئاكتىپ داۋاملاشسا، تۈركىيە دۇنيادىكى تۇنجى باسقۇچتا ۋاكسىنا ئەملەشنى باشلىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ،» دېگەن.

ھالبۇكى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە بۇ يىل نويابىردا «لانسېت» ناملىق خەلقئارالىق تىببىي ژورنال دەسلەپكى كىلىنىكىلىق سىناقلارغا ئاساسەن خىتاي ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنانىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى ئېلان قىلغاندا، بۇ ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئوتتۇراھال ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى، ۋاكسىنا ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدە ھاسىل قىلىنغان ئانتىتېلانىڭ ئەمەلىيەتتە تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايغانلارنىڭ بەدىنىدە ھاسىل بولغان ئانتىتېلادىن تۆۋەنلىكىنى قەيت قىلغان ۋە «خىتاي ياسىغان ۋاكسىنىلارنىڭ قوغداش ئۈنۈمى داۋاملىق تەكشۈرۈلۈشى كېرەك،» دەپ بېكىتكەن ئىكەن.

تۈركىيەدە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن بۇ ۋاكسىنىنى ئەملەش ياكى ئەملىمەسلىك ھەققىدە جىددىي مۇنازىرىلەر قوزغالدى. تۈركىيەدىكى بىر قىسىم داڭلىق سەنئەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋاكسىنىنى ئەملەشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تۈركىيە بۇندىن ئىلگىرى تەسىر كۈچى 90 پىرسەنت دەپ باھالانغان «Pfizer-BioNTech» تىن بىر مىليون دانە ۋاكسىنا سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت