خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى كوۋىد سىياسىتى ئارقىلىق پۇقرالىرىنى تالاش-تارتىشقا سېلىپ قويغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.01.11

خىتاي ھۆكۈمىتى 3 يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، ھەممىنى كەڭ ئېچىۋەتكەندىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىر كوۋىد ئاپىتىگە يولۇققانىدى. بىر-بىرىگە تامامەن زىت بولغان بۇ سىياسەتلەر ۋە كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتلەر خىتاي پۇقرالىرىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 11-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پۇقرالىرى ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى كوۋىد سىياسىتىگە بولغان گۇمانى ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، بىر-بىرى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىغان. ئۇلارنىڭ مۇنازىرە تېمىسى «ھازىر كۆپىيىپ كەتكەن كېسەل ۋە ئۆلۈكلەرگە كىم مەسئۇل؟ ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ گېپىگە ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ دوختۇرخانىلاردا كېسەللىك توشۇپ كەتكەن تۇرسا، ئومىكرون دېگەن ۋىرۇس ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دەۋاتقاندەك ئادەتتىكى ۋىرۇسمۇ؟» دېگەندەك مەسىلىلەر بولۇپ، ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن ھۆكۈمەتنى ياقلايدىغانلار ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ، جېدەل قىلىشقا باشلىغان. ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى «قامال سىياسىتىگە قارشى چىققۇچىلار بۈگۈنكى ئاپەتكە سەۋەبچى» دېسە، ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيدىغانلار «ھۆكۈمەت بۇ قامالنى بىكار قىلىشتىن بۇرۇنلا ۋىرۇس يامراپ كەتكەن» دېيىشكەن.

خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇقرالارنى قويۇۋەتكەن، ئەمما بۇ ۋىرۇستا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيگەنچە ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ئەمەلگە ئاشمىغان، بەلكى زىيان كۆپەيگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى يىلدا پۇقرالارنى پوجاڭزا ئېتىشقا يول قويمىغاندىن كېيىن غەزەپلەنگەن پۇقرالار ساقچى ماشىنىسىنى ئۆرۈۋەتكەن؛ ئەگەر چاغاندىمۇ پوجاڭزا ئېتىش مەنئى قىلىنسا ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ ئېغىر توقۇنۇش چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.